Ali 发表于 2020-8-21 15:57:20

بوكسچى خالمۇرات راخمان شەرەپكە ئېرىشتى

بوكسچى خالمۇرات راخمانشەرەپكە ئېرىشتى 15-ئاۋغۇست، جۇڭگو بوكسجەمئىيىتىدىن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان خۇشخەۋەر تارقالدى، جۇڭگو بوكس جەمئىيىتىتەۋسىيە قىلغان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ياش بوكس تەنھەرىكەتچىسى خالمۇرات راخمانخەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «2020-يىللىق جۇڭگو رايونىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرياش ئەر تەنھەرىكەتچى» بولۇپ باھالاندى. خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋەرايونلاردىكى بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ خەلقئارامۇسابىقىلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئەلا نەتىجىلىرى ۋە قوشقان پائال تۆھپىسىنىمۇئەييەنلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 2020-يىلىدىكى «خەلقئارا بوكس كۈنى»دە،2020-يىللىق جۇڭگو رايونىدىكى ھەر قايسى مۇنەۋۋەر مۇكاپات تۈرلىرىنى باھالاپچىقتى.خالمۇراتراخمان 2001-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان، 2016-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغاتاللانغان، 2018-يىلى مەملىكەتلىك ياشلار بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، شۇيىلى يەنە ئاسىيا ياشلار بوكس مۇسابىقىسىدە 3-بولغان، دۇنيا ياشلار بوكسمۇسابىقىسىدە 5-بولغان. 2019-يىلى مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەتمۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى تەنتەربىيە مەكتىپى گۇرۇپپىسىنىڭ 81 كىلوگىراملىقلاردەرىجىسىدە چېمپىيون بولغان، 2019-يىلى ئاسىيا ياشلار بوكس مۇسابىقىسىدە 2-بولغان.
页: [1]
查看完整版本: بوكسچى خالمۇرات راخمان شەرەپكە ئېرىشتى