Abduxkur 发表于 2021-1-16 13:49:49

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيۇتېر تېز بۇيرۇق كۇنۇپكىلى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abduxkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2021-1-16 13:58

چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيۇتېر تېز بۇيرۇق كۇنۇپكىلىرى
ئەمەلىيەتتە كومپيۇتېردىكى نۇرغۇن زېرىكىشلىك مەشغۇلاتلارنى پەقەت بىر قانچە كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكىلىرىنى ئىشلىتىشنى بىلمىسەك، بەزى ۋاقىتلاردا خىزمەت ئۈنۈمىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ۋاقتىمىزمۇ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، بۈگۈن مەن سىلەرگە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە چوقۇم لازىم بولىدىغان ئون خىل تېزلەتمە كۇنۇپكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئېلىپ كەلدىم.

تېز سۈرئەتتە ئېكران قۇلۇپلاش (快速锁屏)   .1
تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Lمەيلى تورخانىدا ياكى ئىشخانىدا بولۇڭ، بەزىدە كومپيۇتېرىڭىزدىن ئايرىلىپ باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ھەم باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىڭىزنى ئاختۇرىشىنى خالىمايسىز. سىز بۇ ۋاقىتتا Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ L كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا كومپيۇتېر ئېكرانى بىۋاسىتە قۇلۇپلىنىدۇ.
تېز سۈرئەتتە زىيارەت قىلىش (快速访问).2تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Eبەزىدە ئۈستەل يۈزىدە نۇرغۇن سىن بەلگىلەر بار بولسا، «بۇ كومپيۇتېر»(此电脑) ياكى «كومپيۇتېر»(计算机)نى تېپىش تەس، ھەتتا بەزى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈستەل يۈزىدە «كومپيۇتېر» ياكى «بۇ كومپيۇتېر» سىن بەلگىسى يوق. بۇ ۋاقىتتا بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، ئاندىن E كۇنۇپكىسىنى بېسىپ «كومپيۇتېر» ياكى «بۇ كومپيۇتېر» مەنبە باشقۇرغۇچىسىنى بىۋاسىتە ئاچالايمىز.
ئۈستەل يۈزىنى كۆرسىتىش (显示桌面).3تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Dبەزىدە كومپيۇتېرىمىز قېتىپ قالغاندا ياكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېچىپ ھەمدە ئۈستەل يۈزىگە قايتماقچى بولساق، بىز پەقەت كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن D كۇنۇپكىسىنى باسساق كومپيۇتېر ئۈستەل يۈزىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بىكار قىلىش (撤销).4تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Zھاياتلىقتا پۇشايمان دورىسى يوق، ئەمما كومپيۇتېر ئوخشىمايدۇ، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىدا بىر قېتىم «پۇشايمان» قىلىشقا بولىدۇ. بىز پەقەت كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن Z كۇنۇپكىسىنى باسساق، بىزنىڭ ئالدىنقى بىر قەدەمدىكى مەشغۇلاتنى بىكار قىلىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكىنى نۇرغۇن پىروگراممىلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يېڭىلاش (刷新).5تېزلەتمە كۇنۇپكا: F5F5 بولسا يېڭىلاش كۇنۇپكىسى بولۇپ، تور كۆرگۈچ ياكى مەنبە باشقۇرغۇچتا يېڭى مەزمۇن كۆپەيگەندە F5 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ يېڭىلىساق بولىدۇ (شۇ كۆزنەكنى قايتا ئاچقانغا باراۋەر)، بۇ ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تېزلەتمە كۇنۇپكا ھېسابلىنىدۇ.
تېز سۈئەتتە ئېچىش (快捷启动).6تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Rبۇ كۇنۇپكا بولسا ۋىندوۋس سېستىمىسىدىكى بۇرۇندىن بار تېزلەتمە كۇنۇپكا بولۇپ، windows xp سىستېمىسىدىن windows 10 سېستىمىسىغىچە ھەممىسىدە بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكا ئىقتىدارى بار. بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن R كۇنۇپكىسىنى باسساق، ئىجرا قىلىش (运行) كۆزنىكىنى ئاچالايمىز، بىز مەلۇم بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندىن كېيىن Enter نى باسساق بۇيرۇق دەرھال ئىجرا قىلىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلىش كۆزنىكى تاقىلىدۇ.
لوپا ئەينەك (放大镜).7تېزلەتمە كۇنۇپكا: + + Winئەگەر ئېكراندىكى تېكىستنى ئېنىق كۆرەلمىسەك، ئۇنداقتا چوقۇم چوڭاتقۇچ لازىم بولىدۇ. بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن + كۇنۇپكىسىنى باسساق، مەيلى توركۆرگۈچ ياكى ئىشخانا ھۆججەتلىرى بولسۇن، كۆرۈنۈۋاتقان ئېكراننى چوڭايتالايدۇ، ئەگەر + كۇنۇپكىسىنىڭ ئورنىغا - نى باسساق ئۇ ھالسا كۆرۈنىۋاتقان ئېكراننى كىچىكلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا CTRL كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى + - كۇنۇپكىسىنى ياكى مائۇسنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ۋەزىپە كۆزنىكىنى ئالماشتۇرۇش (切换任务).8تېزلەتمە كۇنۇپكا: Win+Tab (پەقەت win8 تىن يۇقىرى سېستىمىغا ماس كېلىدۇ)بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكا ئەمەلىيەتتە Alt+Tab كۇنۇپكىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكىنى ئىشلەتكەندە خىزمەت ئۈنۈمىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، چۈنكى بۇ تېزلەتمە كۇنۇپكىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىپە كۆزنىكىنى ئالماشتۇرغاندا، ھەر بىر كۆزنەكتە نېمە چىقىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بىز كۇنۇپكا تاختىسىدىكى Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن Tab كۇنۇپكىسىنى باسساقلا بولىدۇ.
تېز سۈرئەتتە ئېكراننى سىنغا ئېلىش (快速录屏).9تېزلەتمە بۇيرۇق: psr.exeئاۋال Win + Rنى بېسىپ، ئىجرا قىلىش كۆزنىكىنى قوزغاتقاندىن كېيىن psr.exeنى كىرگۈزۈپ enter كۇنۇپكىسىنى چەكسەك، Windows سېستىمىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان سىن خاتىرىلەش ئىقتىدارىنى ئاچالايمىز. سىنغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ساقلاش دىيالوگ رامكىسى چىقىدۇ، بۇ يەردە سىنغا ئېلىنىپ بولغان ھۆججىتىنى پىرىسلانغان ھۆججەت قىلىپ ساقلىيالايمىز. پىرىسلانغان ھۆججەتنى يېشىپ بولغاندىن كېيىن، سىن ھۆججىتنىڭ سىن ھۆججىتى تىپىدىكى ھۆججەت بولماستىن، بەلكى MHTML دوكلات ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھۆججەتنى ئاچساق، بىز ھەر بىر مەشغۇلاتىمىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىنىڭ ئېكران سۈرىتىنى تارتقانلىقىمىزنى، مائۇسنىڭ چېكىلگەن رايونىنى پەرقلىق قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
مەڭگۈلۈك يۇيۇۋېتىش (永久删除).10تېزلەتمە كۇنۇپكا: shift+delبۇ ئىككى كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق يۇيىۋەتكەن ھۆججەتنى ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولمايدۇ (ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېتاللىرىدىن باشقا) ھەمدە يىغىۋېلىش ساندۇقى (回收站) دىمۇ ساقلانمايدۇ.

HAWASKAR 发表于 2021-1-21 21:56:12

发的内容很仔细还来特别好用谢谢作者
页: [1]
查看完整版本: چوقۇم بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك بولغان ئون خىل كومپيۇتېر تېز بۇيرۇق كۇنۇپكىلى...