Abduxkur 发表于 2021-1-18 18:14:23

ئۈندىدارنىڭ 7.0.23 نەشرى ئېلان قىلىندى، ئىقتىدارى ئۆزگىچە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Abduxkur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2021-1-18 18:20

ئۈندىدارنىڭ 7.0.23 نەشرىئېلان قىلىندى، ئىقتىدارى ئۆزگىچە بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان تېڭشۈن خېلى ئاكتىپ بولۇپ قالدى، تېخى تۈنۈگۈنلا ئۈندىدارئەڭ يېڭى ئىچكى سىناق نۇسخىسىنىڭ يېڭىلىنىشىنى كۈتۈۋالدى، يەنە كېلىپ iOS نۇسخىسى بىلەن ئاندرويىد نۇسخىسى بىرلا ۋاقىتتا تورغاچىقتى. چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىم تېڭشۈن بىر تۈرلۈكدەرىجىدىن تاشقىرى ياخشى يېڭى ئىقتىدارنى ئېلىپ كەلدى، قېنى ئەمسە بۇئىقتىدارلارنى بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى:
.1 ئۈندىدار نۇسخىسىدىكى«پۈتۈنئىقتىدارلىق سايىلەش شاھى»(扫描全能王):نۇرغۇن دوستلار «پۈتۈن ئىقتىدارلىق سايىلەش شاھى»نى ئىشلىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن،بۇ سايىلەش ئەسۋابىنى ئاساسەن ئالىدىغان ئادەم يوق يىللاردا، بۇ مەھسۇلات خۇددىيان تېلېفوندىكى تەسۋىر كۆچۈرۈش ئەسۋابىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، سۈرەتتىكى خەتلەرنىناھايىتى قولايلىق ئايرىپ چىقالايتتى. بىراق،بۇ تۈردىكى APP نى تەتقىق قىلىپ ئېچىش يەنىلا بەك ئاۋارىچىلىق، شۇنىڭبىلەن تېڭشۈن بۇ قېتىم ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، بۇ ئىقتىدارنى بىۋاسىتە «توپلاپ» ئۈندىدارغا كىرگۈزدى.
(سۈرەتنى ئۇزۇن بېسىپ تۇرساق،يېڭىدىن قوشۇلغان «يېزىقنى سۈزۈپ ئېلىش» دېگەن خەتنى كۆرگىلى بولىدۇ.)ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى ئۈندىدار 7.0.23 نۇسخىسىدا، سىز بىر پارچە رەسىمنى ئېچىپ ئۇزۇنبېسىپ تۇرسىڭىز، تىزىملىكتە يېڭىدىن قوشۇلغان «يېزىقنى سۈزۈپ ئېلىش» كۇنۇپكىسىنى كۆرەلەيسىز.ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك بولۇپ، رەسىمدىكى خەتلەرنى ئايرىپ ئېلىپ،تەھرىرلەشكە بولىدىغان خەتلەرگە ئايلاندۇرىدۇ.تەھرىر سىناپ بېقىپ، ئۇنىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى،كەسمە رەسىمنىلا ئەمەس، قايتا تارتىلغان ماقالىنى پەرقلەندۈرگەندىمۇ قىلچە خاتالىقيوقلىقىنى بايقىدى. ھەتتا تەھرىر ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ «قول يازمىسى» نى سىناپبېقىپ، ئويلىمىغان يەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتتى، بۇ ئۈنۈم ھەقىقەتەن قالتىسبولدى!
پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسى بىۋاستە تەسۋىر كۆچۈرۈش بېتىنىڭ ئاستىدا كۆرۈنىدۇ،پەقەت سىيرىپ ياكى ئىچىدىكى خەتلەرنى چەكسىڭىزلا، كۆچۈرۈپ تارقىتىش ۋە كۆپەيتىشنى تاماملىغىلىبولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سىز «يىغىپ ساقلاش» ئىقتىدارىنى تاللاپ، ئۇنى خاتىرەئورنىدا ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ..2 پۇل قوبۇللاش بېتىگە تۈزىتىشكىرگۈزۈلدى:ئەگەر سىز دائىم ئۈندىداردا پۇل يىغىدىغان سودىگەر بولسىڭىز، يېڭى نۇسخىدىكىپۇل يىغىش بېتىدىمۇ بەزى كىچىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بايقىيالايسىز. يەنى، ۋاقىت سىنبەلگىسى. ئىلگىرىكى نەشرىگە بىر ئەمەلىيسائەت بەلگىسى ئىشلىتىلگەن ئىدى، يېڭى نەشرىگە بولسا تەشمە نەقىش نۇسخىسىئالماشتۇرۇلغان.ئۇنىڭدىن قالسا «ھېسابات يۆتكەش ۋاقتى» ۋە «ئېلىنمىغان پۇلنى قايتۇرۇش ئەسكەرتمىسى»مۇئىلگىرىكى تۆۋەن قىسىمدىن ئوتتۇرىغا تەڭشەلگەن بولۇپ، كۆزگە تېخىمۇ چېلىقىدۇ ھەمتەكشۈرۈشكە تېخىمۇ قولايلىق.
.3 سالوننى مەڭگۈلۈك ساقلاشئىقتىدارى:بەزىدە بىر قىسىم قىممىتى بار سالون ماقالىلىرىنى يىغىپ ساقلاپ قويىمىز،مەسىلە شۇكى، ئەگەر كېيىنكى مەزگىلدە بۇ ماقالە ئۆچۈرۈلۈپ كەتسە، تاپالماي قېلىشتىنساقلىنىش ئۈچۈن، يېڭى نۇسخىدىكى ئۈندىدار 7.0.23دا، بىر تۈرلۈك يېڭىدىن قوشۇلغان«تېخىمۇ كۆپ ئېچىش ئۇسۇلى» سالون تىزىملىكىدە پەيدا بولدى، ئاچقاندىن كېيىنماقالىنى تېڭشۈن ھۆججىتىگە بىۋاسىتە ساقلىغىلى بولىدۇ.
يېڭىدىن قوشۇلغان «تېڭشۈن ھۆجىتىدە ساقلاش» ئىقتىدارى سالۇندىكى ماقالىلەرنىيىغىپ ساقلاش مەسىلىسىنى مۇكەممەل ھەل قىلىدۇ. بىۋاستە يىغىپ ساقلاشقا ئوخشىمايدىغىنى،تېڭشۈن ئارخىپىنى ساقلىغاندىن كېيىن، ماقالىدىكى رەسىم ۋە خەتلەر ئاپتوماتىككۆچۈرۈلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ماقالىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە يوقاپ كېتىش خەۋپىدىنئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە تېڭشۈن ئارخىپى يەنە Wordنى چىقىرىش، كۆپ ئادەم ماسلىشىش، كومپيۇتېرغا يوللاشقاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىخچاملاشتۇرۇپ، ھۆجەت تەھرىرلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىرتوسۇقنى راۋانلاشتۇرغان..4 ماقالىنى بىۋاستە كومپيىيۇتېرغائۇلاپ كۆرۈش (投屏) ئىقتىدارى:قانداق قىلغاندا قىزىقىدىغان سالۇننىڭ ماقالىسىنى كومپيۇتېرغا يوللىغىلىبولىدۇ؟ ئەنەنىۋىي ئۇسۇلدا«يىغىپ ساقلاش»نى چېكىپ، ئاندىن بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق PC تېرمىنالىغا يۆتكەپ ئاچقىلى بولاتتى. بىراق ئەڭ يېڭىنۇسخىدىكى ئۈندىدار 7.0.23 دە، ئەگەر سىز ئالدىن PC نۇسخىسىغاكىرىپ بولغان بولسىڭىز، تىزىملىكتە «كومپيۇتېردا ئېچىش» ئىقتىدارىنىڭ قوشۇلغانلىقىنىبايقايسىز. چەككەندىن كېيىن، ماقالە كومپيۇتېردا ئاپتوماتىك پەيدابولىدۇ، خۇددى «ئېكران چوڭايتىپكۆرۈش»كە ئوخشاش ئىنتايىن ئاددىي.
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى PC تېرمىنالىغاكىرگەندىن كېيىنكى يېڭىدىن قوشۇلغان «كومپيۇتېردا ئېچىش» كۇنۇپكىسىدۇر.
ئۇنى چەككەندىن كېيىن كومپيۇتېردا مۇشۇنداق چىقىدۇ..5 نوقۇپ قويۇش (拍一拍)قا يېڭىدىن تېز سۈرئەتتەتۈزىتىش كىرگۈزۈپ، قوشۇمچىنى كۆپەيتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.« نوقۇپ قويۇش»نى كۆپچىلىكنىڭھەممىسى سىناپ باققان بولۇشى مۇمكىن، بۇ قېتىم تېڭشۈنمۇ يەنە بىر يېڭى تۈرلۈك يېڭىئىقتىدارنى ئېلىپ كەلدى. دوستلىرىڭىزسىزنى «نوقۇپ قويغاندا» ياكى ئۆزىنى ئۆزى نوقۇغاندا، ئەنئەنىۋى ئەسكەرتىشنىڭكەينىگە بىر تۈرلۈك «ئالماشتۇرۇش» ئەسكەرتىشى قوشۇلغان بولۇپ، چەككەندىن كېيىنبىۋاسىتە «ئۆزگەرتىپ نوقۇپ قويۇش» كۆرۈنمە يۈزىگە كىرگىلى بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ ئىقتىدار خېلى بۇرۇنلا ئۈندىدارغا قوشۇلۇپ بولغان بولۇپ،پەقەت بەك چوڭقۇر «يوشۇرۇنغان» بولغاچقا باشقىلار ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى خالاس.بىراق بۇ قېتىم تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئۆزگەرتىش ھەقىقەتەن تېخىمۇ قولايلىق بولدى.مەسىلەن مانا مۇنداق. (ئاستىدىكىرەسىمگە قاراڭ)
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ ئۆزگىرىشنى پەقەت ئۆزىنىڭ «نوقۇپ قويۇش»ئارقا قوشۇمچىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر سىز تېخىچە تەڭشىمىگەنبولسىڭىز، يەنى ئەسلى ھالەتتە بولسا، بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۈندىدارنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى نۇسخىسى يەنىلاناھايىتى ياخشى، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى بىر قەدەر ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە،بولۇپمۇ رەسىمدىكى يېزىقنى سۈزۈپ ئېلىش ئىقتىدارىنى خېلى ئەمەلىي ئىقتىدار دېيىشكەبولىدۇ.بىراق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىقتىدارلارتېخى كۈلرەڭ سىناققا تەۋە بولۇپ، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئابونتلارلاكۆرەلەيدۇ.بۇنىڭدىن باشقا، سالون تىزىملىكىدە بۇ نۇسخىدا ئازراق مەسىلە كۆرۈلگەندەكقىلىدۇ، تارىخىي ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە ئەسلىدە كۆرۈنىدىغان كۇنۇپكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،پەقەت سالۇن باش بېتىگە قايتىپ كەلگەندىلا ئاندىن مەشغۇلات قىلغىلى بولىدۇ!بەختكە يارىشا بۇ قېتىمقى پەقەت ئىچكى سىناق نۇسخىسى بولۇپ، رەسمىي نەشرىئېلان قىلىنغاندا بۇ مەسىلە بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
页: [1]
查看完整版本: ئۈندىدارنىڭ 7.0.23 نەشرى ئېلان قىلىندى، ئىقتىدارى ئۆزگىچە