Ali 发表于 2021-3-19 11:03:31

ئوپپو خۇاۋېينىڭ ئورنىغا چىقىپ، بىرىنجى بولدى

ئوپپو خۇاۋېينىڭ ئورنىغا چىقىپ، بىرىنجىبولدى华为加速下OPPO成为国产手机第一ئۆزەك كەمچىل بولۇشۋە باشقا چەكلىمە سەۋەبىدىن خۇاۋېي تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتاخۇاۋېي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش، يېڭى يانفون ئېلان قىلىشنى ئازايتىش قاتارلىقتەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ. بەزى خەۋەردە دىيىلىشچە P50يۈرۈشلىكىنى 5-ئايدا بازارغا سېلىشقا سۈرۋەتكەن. IDC سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىپۈتۈن بىر يىلدا جۇڭگو ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى326 مىليونغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 124مىليون 900 مىڭ بولۇپ، بازار ئۈلۈشى %38.3 نى ئىگىلىگەن، گەرچە يەنىلا ئالدىنقىئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 11.2 تۆۋەنلىگەن، vivo، OPPO، شياۋمى، ئالمىلار ئىككىنجىدىن تۆتىنجىگىچە بولۇپ، بازار ئۈلۈشىئايرىم-ئايرىم ھالدا %17.7، %17.4، %12 ۋە %11.1 بولغان. خۇاۋېي يانفونلىرىنىڭچۈشۈپ كېتىشى، بۇلتۇر 4-پەسىلدىن باشلاپ تېزلەشكەن. بۇلتۇر 9-ئايدا، خۇاۋېينىڭئۆزىكى تەلتۆكۈس ئۈزۈلۈپ، چىلىن ئۆزىكىنى ئىشلەپچىقىرالمىدى. Canalys ئېلان قىلغان 2020-يىلى 4-پەسىلدە جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارلىقيانفونىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنى ئانالىز قىلىش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇپەسىلدە خۇاۋېي يانفونىنىڭ بازار ئۈلۈشى %44 تۆۋەنلىگەن. خۇاۋېيدا ئۆزەككەمچىل بولۇش تەسىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يىل 1-ئايدا، OPPO خۇاۋېيغا قارشى ئېشىپ، دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى بولدى.
页: [1]
查看完整版本: ئوپپو خۇاۋېينىڭ ئورنىغا چىقىپ، بىرىنجى بولدى