TASAWUR5uW2S8dM 发表于 2020-5-26 12:14:22

دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پىروگرامما تىلى Java




دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پىروگرامما تىلى Java بۇ يىل 25 ياشقا كىردى




دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان پىروگرامما تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى Java ئۆزىنىڭ 25 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ.
Java بولسا 1991-يىلىدىكى «Oak» تۈرىدىن باشلانغان بولۇپ، جامېس گاسلىڭ (James Gosling) رەھبەرلىك قىلغان. ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن Java ئۆزىنىڭ «بىر قېتىم يېزىش، ھەممە يەردە ئىجرا بولۇش»تەك يۆتكىلىشچانلىقى بىلەن داڭلىق، چۈنكى Java كۆپ خىل قاتتىق دېتال سۇپىسى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
Java ئۇ 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئېچىۋېتىلگەن. Java شىركىتى 2010-يىلى 1-ئايدا Sunنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا، Javaنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى Oracleغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. Oracle بولسا 2017-يىلى Java كارخانا نۇسخىسى Java Eنى چىقارغان، لېكىن يەنىلا ئاساسىي Java ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى ساقلاپ قالغان. ھازىر، ئۆلچەملىك Java ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدۇ، ئىلگىرى ئادەتتە ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئېلان قىلىناتتى.

页: [1]
查看完整版本: دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پىروگرامما تىلى Java