TASAWUR教育平台
标题: [Linux] SSH ئارقىلىق linux (centos)مۇلازىمىتىرغا ئۇلىنىش [打印本页]
作者: TASAWUR 时间: 2020-7-21 01:27
标题: [Linux] SSH ئارقىلىق linux (centos)مۇلازىمىتىرغا ئۇلىنىش
[Linux] SSH ئارقىلىق linux (centos)مۇلازىمىتىرغا ئۇلىنىش
宝塔软件和链接服务器的方法
.SSH دىگەن نىمە؟
ssh دىگىنىمىز Secure Shell نىڭ قىسقارتىلمىسى , ئۇدۇل تەرجىمىسى بىخەتەر قاپ ، بۇ IETF تور گۇرپىسى تەرپىدىن تۈزۈلگەن بىخەتەر شىفىرلاشتۇرۇلغان ئۇلىنىش كىلىشىمى .
ssh ئۈنۈملۈك ھالدا linux سېستىمىسىنى يىراقتىن كونتىرول ۋە ئالاقىلىشىش جەريانىدىكى ، ئۇچۇر ئاشكارلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ، ھەم ھازىرغىچە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن .
ئاددىغىنە ئېيتقاندا : يىراقتىن كونتىروللاش
قاندان ئىشلىتىمىز؟
يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە باۋ تا ssh يۇمشاق دىتالىنى تەۋسىيە قىلىمەن
باۋتا ssh دىتالى ئارقىلىق ئۇلىنىش:
سۈزۈك نۇسقىسىنى كوت-كوت توپىمىزدىن كۆرۈڭ:724600199
xshell يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق ئۇلىنىش
1. ئاۋال كومپىيۇتىرىمىزغا ssh ئۇلىنىشتا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتال xshell نى چۈشىرىمىز.
چۈشۈرۈش ئادىرسى : http://www.mydown.com/soft/49/707446049.shtml
2. چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كىيىن سول تەرەپ ئۈستىدىكى يېڭىدىن قوشۇش كۇنۇككىسىنى باسىمىز
3. ئېچىلغان كۆزنەكتىن مۇلازىمىتىرىمىزنىڭ ip ئادىرسىنى كىرگۈزۈپ ئۇلىنىش (链接) نى باسىمىز.
4. چىققان كۆزنەككە مۇلازىمىتىر نامىنى ۋە پارولىمىزنى كىرگۈزىمىز (نام سۈكۈتتە : root ، پارول : ئۆزىڭىز بېكىتكەن پارول ياكى مۇلازىمىتىر كونتىرول تاختىسىدىن ئىزدەڭ )
5. ئۇچۇرلارنى توغرا كىرگۈزگەندىن كېيىن [root@xxxxxx ~]# ھالىتىدە كۆرۈنگەندە ئۇلاش تامام بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىگە كىردى.
xshell يۇمشاق دىتالى 30 كۈندە ۋاقتى توشۇپ پۇل سېتىۋېلىپ ئىشلىتىسىز ، شۇڭلاشقا باۋ تا نىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم.
欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://tasawur.cn/) |
Powered by Discuz! X3.5 |