ﺗﯧﯖﺸﯜﻥ ﺩﻭﯞﻳﯜ ﺑﯩﻠﻪﻥﺧﯘﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ،ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻨﻰﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ ﺗﯧﯖﺸﯜﻥ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺋﯧﻘﯩﻢﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﺳﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ ﺩﻭﯞﻳﯜ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ، ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻣﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ، 5-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﭘﺎﻱ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﻳﯩﻐﯩﺸﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﻭﯞﻳﯜ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﻳﺎﻧﯩﯔﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﮪﺎﺳﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﮪﺎﻟﺪﺍ %6 ﯞﻩ %7.8 ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ. 8-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ6-ﻛﯜﻧﻰ ﺷﻴﺎﯕﮕﺎﯓ ﺋﺎﻛﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﮊﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﯖﺸﯜﻥ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻤﯘ %2.8 ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯧﯖﺸﯜﻥﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻏﻪﺭﯨﺰﻯ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺩﺍﺑﺎﯓﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﻳﻮﯞ ﻳﯜﻧﺘﯩﯔ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﻯ: «ﺗﯧﯖﺸﯜﻧﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ‹ﺗﻮﺧﯘ ﻳﯧﻴﯩﺶ›، ﺋﻮﯓ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ‹ﺷﺎﮪﻨﯩﯔ ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ›، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ-ﻳﻪﺗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕﺋﯜﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ، ﺗﯩﻚ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻟﻠﯘﻕﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻭﯞﻳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﻳﺎ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.« ﺋﯩﺰﺍﮪﺎﺕ: ﺩﻭﯞﻳﯜ (斗鱼) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﻳﺎ (虎牙) ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ (ﺟﯩﺒﻮ) ﺳﯘﭘﯩﺴﻰ، ﺗﻮﺧﯘ ﻳﯧﻴﯩﺶ (吃鸡) ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘﻕ ﺗﯩﻨﯩﭽﻠﯩﻖ ﻗﻪﮪﺮﯨﻤﺎﻧﻰ (和平精英) ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﯩﯔﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺷﺎﮪﻨﯩﯔ ﺷﺎﻥ-ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ 王者荣耀 ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
|