125W لىق تىز زەرەتلەش تىخنىكىسى 125W超级闪充
يانفۇن تېز سۈرئەتتە زەرەتلەش تېخنىكىسى 100W لىق دەۋىرگە رەسمى قەدەم قويدى،ئالدى بىلەن مەيدەنغا چىققىنى OPPO .
7ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13-ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، OPPO ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ 100Wﻟﯩﻖ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ، 125Wﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ 7-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15-ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، 125Wﻟﯩﻖ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ، ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﮪﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، OPPO ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 65Wﻟﯩﻖ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﮪﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ OPPO Reno Ace ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ 4000mAhﻟﯩﻚ ﺑﺎﺗﺎﺭﯦﻴﻪﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ 30 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻼ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺑﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯩﻐﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺗﺎﺭﯦﻴﻪﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
Reno Aceﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، OPPO ﻳﻪﻧﻪ Find X2، Find X2 Pro، OPPO Reno4، OPPO Reno4 Pro ﯞﻩ OPPO Ace2 ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ 65Wﻟﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ، 65Wﻟﯩﻖ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻤﯘ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، OPPO ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ 125Wﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ 65Wﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﻪﺳﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯕﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍﻳﺪﯗ.
125Wﻟﯩﻖ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺯﻩﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﻐﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ OPPOﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﻪﺭﻛﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭ ﻳﺎﻧﻔﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
|