دۆلەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى ھەققىدە
(全国计算机等级考试)
بىرىنجى دەرىجە ئىمتىھانى دەرىجىسى : مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش دەرىجىسى ، كومپيۇتېر ئاساسى بىلىملىرى ۋە كومپيۇتېر ئادەتتىكى مەشغۇلات ئىختىدارى سىنىقى ، ئىشخانا دىتاللىرىنى ئىشلىتىش ،تور بىخەتەرلىكى سەۋىيە بىلىملىرى. پەن تۈرى : كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە MS Office ئىشلىتىش ، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى WPS Office ئىشلىتىش ، كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى Photoshop ئىشلىتىش ۋە تور بىلىملىرى سەۋىيە بىلىملىرى قاتارلىق تۆت پەن بار . بۇ تۆت پەندىن بىرىنى تاللاپ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولسا بولىدۇ . ئىمتىھان مەزمۇنى : " كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە MS Office ئىشلىتىش" ، " كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە WPS Office ئىشلىتىش" ، " كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە Photoshop ئىشلىتىش" بۇ ئۈچ تۈرئىمتىھان مەزمۇنى كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرى ۋە مەشغۇلات ئىلىپ بېرىش تېخنىكىسى قاتارلىق ئىككى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ھەر پەننىڭ ئاساسىي بىلىملەرگەبولغان تەلىپى ئوخشاش بولۇپ ،بىلىش ۋە توغرا ئىشلىتىش ئاساس قىلىنغان ، سوئال تۈرى بولسا تاللاش سوئاللىرى ، نومۇر نىسبىتى سوئال قەغىزىنىنڭ 20 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ .(20نومۇر ) ئىشخانا دىتاللىرى ئىمتىھانى ، مەشغۇلات تېخنىكا قىسمى ئاساسلىق خەنزۇچە كىرگۈزۈش ، سېستىما ئىشلىتىش ، خەت نۇسىخىسىنى تەڭشەش ، جەدۋەل ئىشلەش ، ئىشلەش ، Photoshop نىڭ ئادەتتىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئېلىكتىرونلۇق خەت يوللاش ۋە قوبۇل قىلىشنى بىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئىمتىھانى سانلىق رەسىم بىلىملىرىنى ئىگەللەش ،ئاساسىي مەشغۇل ئېلىپ بېرىش ، تىزىملىك رايونىدىكى قوراللارنى ئىگەللەش ۋە شۇلاردىن پايدىلىنىپ سىزىش ،ئۆزگەرتىش ،ياساش،رەسىم قەۋىتىنى ئىشلىتىش ،شەكىللىرى ۋە يېزىق قورالىنى ئىشلىتىشنى بىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ . تور بىخەتەرلىكى سەۋىيە بىلىملىرى ئىمتىھانى تور بىىەتەرلىكى ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملىرىنى بىلىش ،كومپيۇتېر تورى ۋە تور بىخەتەرلىكىدىكى ئاددي بىلىملارنى ئىگەللەش ھەمدە قانۇنىي تۈزۈم قائىدە ئۆلچەملەرنى پىششىق بىلىش ، كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھەرخىل تور بىخەتەرلىكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىش ، تىپىك بولغان تور بىخەتەرلىك قوراللىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنىدۇ .
|