TASAWUR教育平台

标题: دۇنيا تەرەققىياتىنى 100يىل ئىلگىرى سۈرگەن ئالىم [打印本页]

作者: Ali    时间: 2020-8-16 13:42
标题: دۇنيا تەرەققىياتىنى 100يىل ئىلگىرى سۈرگەن ئالىم
دۇنيا تەرەققىياتىنى 100يىلئىلگىرى سۈرگەن ئالىم
(, 下载次数: 5479)
كولا تېسلا 1856-يىلى 7-ئاينىڭ10-كۈنى كرودىيە دىكى سىمۋەن كەنتىدىكى سەربەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەنتېسلا 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى نيۇيوركلۇق ئادەمنىڭ مېھمانخانىسىدا يۈرەك زەئىپلىشىشكېسىلى بىلەن 86 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سېربىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق كەشپىياتچى،مېخانىكا ئىنژېنېرى، ئېلېكتر ئىنژېنېرى.
(, 下载次数: 5487)
ئۇ توكنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكەبولغان مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ھەمدە ھازىرقى زامان ئۆزگىرىشچان توكنىكەشىپ قىلغان ئادەم. ئۇ نۇرغۇن ئالاقىدار پاتنېتى، شۇنداقلا ئېلېكتر ماگنىت ئىلمى نەزەرىيىسىتەتقىقات خىزمىتى ھازىرقى زامان سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە سىمسىز تېلېگرافنىڭ ئۇل تېشىھېسابلىنىدۇ. تېسلا سەككىز خىل تىلدا راۋان سۆزلىيەلەيدۇ: چېخ تىلى، ئىنگلىز تىلى،فرانسۇز تىلى، گېرمان تىلى، ۋېنگىرىيە تىلى، ئىتالىيە تىلى، لاتىن تىلى ۋە ئۆزىنىڭئانا تىلى سېرب تىلى.
(, 下载次数: 5464)
تېسلا ئۆزگىرىشچان توكنى كەشىپقىلغاندا ئەگەر ئۇ پاتېنت ھەققى يىغىشنى قارار قىلغان بولسا، ھەربىر ئات كۈچى ئۆزگىرىشچانئىشلەتكەندە چوقۇم ئۇنىڭغا 2.5 دوللار پاتېنت ھەققى تۆلەش كېرەك ئىدى. بۇنداق بولسائۇ ناھايىتى تېزلا روكفېللېردىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي ئادەمگە ئايلىناتتى
بىراق ئۇ ئۆزگىرىشچان توكنىڭپاتېنت ھوقۇقى ھۆججىتىنى يىرتىۋېتىپ، بۇ توكنى كىشىلەرنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە تاپشۇرغان.
تېسلا 100 نەچچە يىل بۇرۇن قۇرغانتوك تارقىتىش ئىستانسىسى تا ھازىرغىچە نورمال خىزمەت قىلماقتا.

(, 下载次数: 5458)
رېنتىگېن نۇرىنىمۇ تېسلا ئاۋۋالبايقىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قولىنى رېنتىگىن نۇرى ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ رېنتىگىنگە ئەۋەتىپبەرگەن، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئالەمشۇمۇل بايقىشىنى سىرتقا جاكارلىمىغان.
1892-يىلى تېسلا سىمسىز رادىئو تارقىتىش ئۈسكۈنىسىنىياساپ چىققان.
1899-يىلى چاقماق ھاسىل قىلغان .
(, 下载次数: 5461)
تېسلانىڭ ئەڭ قالتىس كەشپىياتىبولسا دۇنيا سىگنال سىستېمىسى. بۇ نەرسە سىمسىز تارقىتىش ۋاستىسى ئارقىلىق كۆزنى يۇمۇپئاچقۇچە ھەرقانداق تىپتىكى سىگنال، ئۇچۇر، يېزىق قاتارلىقلارنى دۇنيانىڭ ھەر قانداقبىر بۇرجىكىگە يەتكۈزۈپ بېرىپلا قالماستىن، يەنە ھازىرقى ئۈسكۈنىلەرنى ئۆزگەرتمىگەنئەھۋال ئاستىدا تېلېگرامما، تېلېفون ۋە باشقا سىگنال پونكىتلىرى ئارىسىدا ئۆزارا تۇتاشتۇرۇشنىئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
(, 下载次数: 5458)
بۇ سېستىما ئارقىلىق بىر تېلېفونئابۇنتى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى تېلېفون ئابۇنتىنى چاقىرالايدۇ، بۇ ھەتتا ھازىرقىئەشيا تورىدىنمۇ ئىلغار. ئەپسۇس بۇ سىستېما ۋاردېنكىلىف مۇنارى تۈرىنىڭ توختىتىپ قويۇلۇشىبىلەن تاماملانمىغان.
(, 下载次数: 5453)
ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئالاقىدارپاتېنتى ۋە ئېلېكتر ماگنىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھازىرقى زامانسىمسىز تېلېگراف ساھەسىنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ جەمئىي 86 يىل ياشىغان بولۇپ، پۈتۈن ھاياتىنىئىلىم پەنگە بېغىشلىغان، بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان. 1943-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى تېسلائۇيقۇ ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان. 1000دىن ئارتۇق كەشپىياتنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغائىگە بۇ ئالىم ۋاپات بولۇش ئالدىدا ناھايىتى نامرات ئىدى
ئۇنىڭ جەسەت كۈلى 1957-يىلى سېربىيە بېلگرادتىكنىكولا تېسلا مۇزېيىغا قويۇلغان.
2003-يىلى تېسلانىڭ دۇنيانىڭئېلېكترلىشىشى ۋە كەلگۈسىدىكى تېخنىكا تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى خاتىرىلەشئۈچۈن، بۇ مۇزېي دۇنياۋىي ئەسلىمە مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
(, 下载次数: 5467)
ئەگەر قەدىمكى زاماندىن ھازىرغىچەپۈتۈن دۇنيادا ئەۋلىيالارغا يېقىنلىشىدىغان ئىككى ئادەم بار دېيىلسە، ئۇلارنىڭ بىرىداۋىنچى، يەنە بىرى دەل بۇ ئادەم تېسلا. ئەگەر سىز ئېينىشتىيىننىڭ پاراسەت قىممىتىنىڭ200دىن ئاشىدىغانلىقىدىن ئەجەبلەنسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئۇنى چۈشەنمىگەنلىكىڭىزدىن بولىدۇ.كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئېدىسوننىڭ ناھايىتى تىرىشچان تالانت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.بىراق تېسلا بولسا ئۆزىنىڭ ئىلھامىغا تايانغان تالانت ئىگىسى.
(, 下载次数: 5465)
تېسلا يالغۇزلۇق ئىچىدە ياشىدى،لېكىن ئۇ يەككە-يېگانە ئەمەس، كەشپىيات ئۇنىڭ ھەمراھى، تەتقىقات ئۇنىڭ سىرداش دوستى،ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسىدا ياشاپ، پۈتكۈل سىرتقى دۇنيانى ئۆزگەرتتى.
(, 下载次数: 5459)
ئۇنىڭ كۆپ تۈرلۈك كەشپىياتىھازىرقى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىدى، مەسىلەن ئىنتېرنېت تورى،يانفون قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەتقىقات ئاساسىدا پەيدا بولغان. شۇنداقدېيىشكە بولىدۇكى، تېسلا دۇنيا تەرەققىياتىنى 100 يىل ئىلگىرى سۈرگەن
(, 下载次数: 5455)






欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5