TASAWUR教育平台

标题: نېمىشقا يانفونغا ئەپ چۈشۈرگەندە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟ [打印本页]

作者: Ali    时间: 2020-8-19 13:32
标题: نېمىشقا يانفونغا ئەپ چۈشۈرگەندە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
نېمىشقا يانفونغا ئەپ چۈشۈرگەندەھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،ھازىر ھەر خىل قوللىنىشچان ئەپلەر ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ھازىر ھەممەيلەننىڭيانفۇنىدا ئۈندىدار، چىقىمدان، تاۋباۋ دېگەندەك ھەر تۈردىكى نۇرغۇن ئەپ دېتاللىرى باربولدى.
(, 下载次数: 5501)
بەلكىم نۇرغۇن تورداشلار مۇنداق بىر ئەھۋالغا يولۇقۇپباققانغۇ دەيمەن، ھەر قېتىم يېڭىدىن بىر ئەپنى يانفۇنىمىزغا چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندا، دەماللىققاھوقۇق بېرىش كۆزنىكى چىقىدۇ، مەسىلەن ئورۇن ھوقۇقى بېرىش، ساقلاش ھوقۇقى بېرىش ۋە سۈرەتكەتارتىش ھوقۇقى بېرىش دېگەندەك، بەزىدە ئەپ دېتالى تەلەپ قىلغان ھوقۇقلارغا قوشۇلمساق،ھەتتا بۇ ئەپلەرنى نورمال ئىشلەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئادەتتە پەقەت ئاندىرويىد يانفونلىرىدىلامۇشۇنداق ھوقۇق دائىرىسىنى تەڭشەش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، چۈنكى ئالما يانفونىغا ئەپ دېتالىنىقاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ئېچىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ھېچقانداقھوقۇق تەلەپ قىلىش كۆزنىكى چىقىۋالمايدۇ، بۇمۇ دەل ئاندىرويىد سىستېمىسى بىلەن ئالماسىستېمىسىنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرىدۇر. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئالما يانفونىنىڭ بىخەتەرلىكىئىستېمالچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاندىرويىد سىستېمىسىنىئىشلەتكەندە يانفون ئەپلىرىگە ھوقۇق دائىرىسى بەلگىلەش كېرەك؟
(, 下载次数: 5505)
ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىككى سەۋەب بار، بىرىنچىدىن،بەزى ئەمەلىي قوللىنىشچان ئەپلەرگە ھەقىقەتەن ھوقۇق بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، مەسىلەنيانفون خەرىتىسى، توردىن تاماق زاكاز قىلىش سۇپىسى ۋە توردىن مال سېتىۋېلىش سۇپىسىقاتارلىقلاردا سودىگەرلەر خېرىدارلارنىڭ ئورنىنى بىلگەندىلا، ئاندىن سېتىۋالغان ماللارنىخېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، يانفون ئىشلەتكۈچىنىڭ ئېھتىياجىغائۇيغۇن ئېلانلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
نۇرغۇن قېرىنداشلار بەلكىم تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغايولۇقۇپ باققان، يەنى سىز بەزىدە خەۋەر كۆرۈۋېتىپ ئەپ دېتالىدا سىزگە يوللانغان ئېلاننىڭدەل سىز مۇشۇ مەزگىلدە قىزىقىۋاتقان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بولىسىز. بۇنىڭسەۋەبى يۇمشاق دېتال ئالاقىدار ھوقۇق دائىرىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭشەخسىي ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ، ئاندىن زور سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئانالىز قىلىپ، سىزنىڭئېھتىياجىڭىزغا چۈشىدىغان ئېلاننى يوللايدۇ. ئەگەر سىز ئەپ دېتالى تەلەپ قىلغان بۇھوقۇقلارنىڭ دەخلى قىلىشىنى خالىمىسىڭىز، ھوقۇق باشقۇرۇشتا پەقەت پايدىلىق ھوقۇقلارنىلائېچىپ، زۆرۈر بولمىغان ھوقۇقلارنى ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
(, 下载次数: 5496)
مەسىلەن، ئۈنگە ئېلىشنى ئېلىپئېيتساق، نۇرغۇن ئەپلەر يانفوننىڭ مىكروفون ئىقتىدارىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ،لېكىن ئەمەلىيەتتە ئابونتلار بۇ ئەپنى ئىشلەتكەندە ئاساسەن يانفون مىكروفونىنى ئىشلەتمەيدۇ،بۇنداق ئەھۋالدا ئەپنىڭ ئۈنگە ئېلىش ھوقۇق دائىرىسىنى بىۋاسىتە ئېتىۋەتسەكلا بولىدۇ.







欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5