TASAWUR教育平台

标题: بوكسچى خالمۇرات راخمان شەرەپكە ئېرىشتى [打印本页]

作者: Ali    时间: 2020-8-21 15:57
标题: بوكسچى خالمۇرات راخمان شەرەپكە ئېرىشتى
بوكسچى خالمۇرات راخمانشەرەپكە ئېرىشتى
(, 下载次数: 7560)
15-ئاۋغۇست، جۇڭگو بوكسجەمئىيىتىدىن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان خۇشخەۋەر تارقالدى، جۇڭگو بوكس جەمئىيىتىتەۋسىيە قىلغان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ياش بوكس تەنھەرىكەتچىسى خالمۇرات راخمانخەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «2020-يىللىق جۇڭگو رايونىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرياش ئەر تەنھەرىكەتچى» بولۇپ باھالاندى.
(, 下载次数: 5639)
خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋەرايونلاردىكى بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى، تىرېنېرلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ خەلقئارامۇسابىقىلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئەلا نەتىجىلىرى ۋە قوشقان پائال تۆھپىسىنىمۇئەييەنلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، 2020-يىلىدىكى «خەلقئارا بوكس كۈنى»دە،2020-يىللىق جۇڭگو رايونىدىكى ھەر قايسى مۇنەۋۋەر مۇكاپات تۈرلىرىنى باھالاپچىقتى.
خالمۇراتراخمان 2001-يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان، 2016-يىلى شىنجاڭ بوكس كوماندىسىغاتاللانغان، 2018-يىلى مەملىكەتلىك ياشلار بوكس مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، شۇيىلى يەنە ئاسىيا ياشلار بوكس مۇسابىقىسىدە 3-بولغان، دۇنيا ياشلار بوكسمۇسابىقىسىدە 5-بولغان. 2019-يىلى مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك ياشلار تەنھەرىكەتمۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى تەنتەربىيە مەكتىپى گۇرۇپپىسىنىڭ 81 كىلوگىراملىقلاردەرىجىسىدە چېمپىيون بولغان، 2019-يىلى ئاسىيا ياشلار بوكس مۇسابىقىسىدە 2-بولغان.






欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5