TASAWUR教育平台

标题: سامسۇڭ: سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشى [打印本页]

作者: TASAWUR5uW2S8dM    时间: 2020-5-29 11:38
标题: سامسۇڭ: سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشى




سامسۇڭ: سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشى ئۆزەك بازىرىنى جانلاندۇرى

(三星对数据中心的需要)


(, 下载次数: 4004)

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سامسۇڭ ئېلېكتىرونچىلىقى 18-مارت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بۇ يىللىق ئەقلىيفون ۋە ئىستېمال تۈرىدىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سامسۇڭنىڭ دېيىشىچە، سانلىق مەلۇمات مەركىزى كەسپىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى تۈرتكىسىدە، ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزىكى بازىرى قايتا جانلىنىدىكەن. سېئولدا ئۆتكۈزۈلگەن سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ يىللىق پايچېكلار يىغىنىدا، بۇ شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىم كىنام (Kim Ki-Nam) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «يۇقۇم ۋە سودا ئۇرۇشى سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزدى.»


                               
登录/注册后可看大图

سامسۇڭنىڭ Galaxy ئەقلىيفونى بىلەن ئالما iPhoneنىڭ يەر شارى ئەقلىيفون بازىرىدىكى يېتەكچى ئورۇننى تالىشىش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتىدۇ.

بۇ شىركەتنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە تور كەسپى لېدىرى گاۋ دۇڭجېن بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئەسلىدە بۇ يىل يەر شارى يانفون بازىرىدا ئېشىش كۆرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، لېكىن يۇقۇمنىڭ داۋاملىق يامرىشىغا ئەگىشىپ، يانفون بازىرى كەينىگە چېكىنىدۇ. بىراق، مۆلچەرلىنىشىچە 5G يانفونغا بولغان ئېھتىياج ئۆرلەيدۇ.»

گەرچە يانفون بازىرى كەينىگە چېكىنسىمۇ، لېكىن سامسۇڭ CEOسى كىم كىنام مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «تەمىنلەش ئوشۇقچىلىقى ۋە ئامېرىكا-جۇڭگو سودىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەت تۈپەيلى كېلىپ چىققان بۇلتۇرقى بازار ئېھتىياجى زور نىسبەتتە تۆۋەنلەشتىن كېيىن، بۇ يىل ئۆزەك بازىرىدا ئېھتىياج قايتا ئاشىدۇ.»

سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ يېرىم پايدىسى دەل ئۆزەك كەسپىدىن كېلىدۇ.








欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5