TASAWUR教育平台

标题: ئاندرويد 11 دە ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ [打印本页]

作者: TASAWUR    时间: 2020-6-16 09:15
标题: ئاندرويد 11 دە ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ



ئاندرويد 11 دە ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ




نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا بويچە ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئاندرويد ۋە ئالما iOS تىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىسى قالدى. ئاندرويد يانفونلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ سىستېمىسى ئوچۇق كودلۇق، نۇرغۇن ھالقىلىق مەشغۇلاتلارنى ئابۇنتلار ئۆزى تاللىيالايدۇ، خالىغانچە ئەپ قاچىلىيالايدۇ.
ئەمما ئاندرويدنىڭ مۇشۇ «ئەركىن» بولۇشى ئالما iOS تەك راۋان، بىخەتەر بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى، ئاندىرويىد يانفونلىرىنىڭ سەپلىمىسى قانچە يۇقىرى بولسىمۇ، راۋانلىقى باشتىن ئاخىر iPhone غا يەتمەيدۇ.
ئەمدى بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ.
گوگۇل بۇ بىر نەچچە يىلدا ئاندرويدنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى iOS سىستېمىسىغا ئوخشاش يېپىق مۇھىتقا ئېلىپ كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ بىر نەچچە يىلدا ئاندرويد سىستېمىسىنىڭ ھەر بىر چوڭ نەشرىنىڭ يېڭىلىنىشى ئابۇنىچىلارغا بولغان ھوقۇق دائىرىسىنى بارغانسىرى تارايتتى.


(, 下载次数: 5936)
ئەڭ يېڭى ئاندرويد 11 سىستېمىسىغا ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۆزگىرىش قوشۇلغان، ئۇ بولسىمۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپلىرىنى قاچىلىغىلى بولماسلىق.
ئاندرويد 10 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن نەشرىدە، سىز تور كۆرگۈچ ياكى باشقا ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپ بازىرىدىن ئەپ چۈشۈرۈپ قاچىلىماقچى بولسىڭىز، قاچىلاش ھوقۇقى تەلەپ قىلىنىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن، قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بۇرۇنقى ئورۇنغا قايتىپ كېلىدۇ، بىر دىئالوگ رامكىسى بار بولۇپ، سىز قاچىلاشتىن بۇرۇن تاللىغان APK نى قاچىلاشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن:


(, 下载次数: 5921)
ئاندىرويىد 11 دە ، بۇ كۆرۈنمە يۈزىدىن ئاتلىغىلى بولمايدۇ ، چۈنكى سىز ئۈچىنچى تەرەپ ئەپنى قاچىلاش ھوقۇقىنى قولدا بەلگىلىشىڭىز كېرەك. ئۇنى ئاچسىڭىز ، سىستېما ئارقا سۇپىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ دۇكىنىنى (ئەپ قاچىلىغۇچنى) مەجبۇرىي چېكىندۈرۋېتىدۇ، قايتا قاچىلاشنى باسسىڭىز يەنە ھوقۇق سورايدۇ، ھوقۇق بېرەي دېسىڭىز ئەپ قاچىلىغۇچنى يەنە چېكىندۈرۋېتىدۇ. ئۇنداقتا ئۆلۈك دەۋرلىككە كىرىپ قېلىپ، چۈشۈرگەن ئەپنى قاچىلاشقا ئامال بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئاندىرويىد 11 سىستېمىسىدا ئۈچىنچى تەرەپ دۇكانلىرىدىكى ياكى ئايرىم چۈشۈرگەن ئەپلەرنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ. يانفوننىڭ ئۆزىدىكى ئەپ دۇكىنىدىكى ئەپلەرنىلا قاچىلىغىلى بولىدۇ.


(, 下载次数: 5940)


بۇ خىل ئەپ قاچىلاش ئالما ئايفونغا ئوخشاش بولىدۇ، پەقەت ئىگە تەرەپ ئەپ دۇكىنىدىنلا قاچىلىيالايسىز. بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ بازارلىرىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى ئەسلى ئاندرويد. دۆلەت ئىچىدىكى يانفون سىستېمىلىرىنى يانفون كارخانىلىرى ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، ئاندرويد 11 نىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتىۋېتەمدۇ يوق، ھازىرچە بىلگىلى بولمايدۇ. گوگۇل ئۆزگەرتىشكە قوشۇلماي، مۇشۇ پېتى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىسا ئامال يوق؛ ئىستىمالچىلار ئاندرويدنىمۇ ئالما ئىشلەتكەندەك ئىشلىتەلەيدۇ.



作者: TASAWUR    时间: 2020-6-16 09:22
好内容





欢迎光临 TASAWUR教育平台 (https://tasawur.cn/) Powered by Discuz! X3.5