ئالما بۈگۈنIOS14.4 Beta2 نەشىرىنى تارقاتتى، يىڭلاشقائەرزىمدۇ؟ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ، ئالما iOS ئاخىرى يېڭى سېستىمىدىن شەپە بەردى، بۇ قېتىم ئېلىپكەلگىنى iOS 14.4beta2، نەشىرنومۇرى 18D5043d. تەپسىلاتى بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە بۇ قېتىم iOS 14.4 beta2 سىستېمىنىڭ مۇقىملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قىسمەن تەپسىلاتئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر نەچچەتۈرلۈك پۈتۈنلەي يېڭى ئىقتىدارنى ئېلىپ كەلگەن. ئالدىنقى نەشرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم iOS 14.4 beta2 بىر يېڭى تەڭشەكنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۈچىنچى تەرەپ كۆكچىش ئۇلىغان ئاۋاز ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاۋازىنى باھالايدۇ، ئۈسكۈنىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاشئىقتىدارىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغاندا سىستېمائاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، iOS 14.4 beta2 دە يەنە AirTag نىڭ بۇ ئىقتىدارىغا ماس كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى قوشقىلىبولىدىغانلىقى بايقالغان ھەمدە سىستېما تەرىپىدىن بايقىلىدىغان بۇيۇملار قاتارىغاكىرگۈزۈلۈپ، كۈندىلىك ئىز قوغلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، دائىم نەرسە تاپالمايدىغانئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشلىتىشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى، لېكىن بۇئىقتىدار كۆز يۈگۈرتكۈچكە يوشۇرۇنغان بولۇپ ئۆز ئالدىغا ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. |