• تېلفۇن نۇسقىسى

    تېلىفۇندا كۆرۈڭ

  • سالون

    سالوننى قوشۇڭ

ياخشىمۇ سىز؟
تىز كىرىش
  • بۇ يەرنى بىسىڭ

    خىزمەت ۋاقتى :8:00-20:00

    تېلفۇن

    0991-8521481

    ئىلخەت

    1772205928@qq.com
  • سولونىمىزنى قوشۇڭ

    تىلفۇندا زىيارەت قىلىڭ

  • سېكانىرلاڭ

    سالونىمىزغا ئەگىشىڭ

Lv.7 باشقۇرغۇچى
2002نۇمۇرلۇق تورداش,117ئاكتىپلىقى,2020/12/26 ئۈگۈنۈش
  • 9يوللاش
  • 9تېما
  • 1ئەگىشىش
  • 7دوسلىرىم
ۋاقتىنچە ئۇچۇر قالدۇرمىغان
مۇنەۋۋەر خادىملارتېخىمۇ كۆپ
دەرسخانا مۇنبىرىتېخىمۇ كۆپ
开启左侧

[يېڭى تېمىلار] كومپيۇتېر سېستىمىسىنىڭ رەسمى نەشرى بىلەن ئوغرى نەشرىنىڭ پەرقىا

[复制链接]
Abduxkur 发表于 2021-1-19 13:05:33 | 显示全部楼层 |阅读模式 打印 上一主题 下一主题
كومپيۇتېر سېستىمىسىنىڭ رەسمى نەشرى بىلەن ئوغرى نەشرىنىڭ پەرقىا
نۇرغۇن يېڭى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرى ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ رەسمى نۇسخىسىمۇ، ئەسلى نۇسخىسى (ھەقىقى نۇسخىسى)مۇ ياكى باشقا ئوغرى نەشرىمۇ دېگەنلەرنى پەرقلەندۈرۈپ بولالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ سىستېمىلارنىڭ ھەقىقى ياكى ئوغرى نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس.
01.jpg
ئاددىي بىر مىسال كەلتۈرەيلى، سىز بارازغا سالغان مەلۇم مەھسۇلاتنى ئۆزىڭىز ئىشلەپچىقارغان ۋە لايىھەلەپ چىققان دەپ پەرەز قىلساق، ئالدى بىلەن سىزدىن چىققان مەھسۇلاتنى ئەسلى نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئازراق ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنلىرى بولسىمۇ سىز بازارغا سالمىغان ھەر قانداق نەرسە ئەسلى نۇسخىسى ئەمەس.
ئوغرى نەشرى دېگەن نېمە؟ مەن سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى بىرسى پۇل خەجلىمەي ئوغرىلاپ كەتتى، مەن ئۇنى ئوغرىلىغان ئادەمدىن سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئەسلى باھاسىغا قارىغاندا ناھايىتى ئازلا پۇل خەجلەپ سېتىۋالالىغان بولسام، بۇ ئوغرى نۇسخىسى بولىدۇ؛ ئەگەر سىزدىن سېتىۋېلىش پۇل خەجلىگەن بولسام ياكى سىز ھوقۇق بەرگەن ۋاكالەتچىڭىزدىن سېتىۋالغان بولسام، ئۇ ھەقىقىي نۇسخىسى بولىدۇ.
02.jpg
ئەمدى مەشغۇلات سىستېمىسىغا كېلەيلى، مىكروسوفتنىڭ ئورگان تور بېتىدىن چۈشۈرۈلگەن ياكى مىكروسوفتتىن تارقىتىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلى نۇسخىسىغا تەۋە بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئەسلى نۇسخىسىدىكى سىستېمىلار ئوخشىمىغان جايلارغا كۆچۈرۈلۈپ ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەن بولسا، ئۇلار يەنىلا ئەسلى نۇسخىسىغا تەۋە.
03.png
ئەسلى نۇسخىسىدىكى سىستېمىنى چۈشۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكىتى بار. بەيدۇغا كىرىپ «MSDN I tell you» دېگەن خەتنى باسسىڭىزلا چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ تور بېكەتمۇ ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، ئاساسلىقى مىكروسوفتنىڭ سىستېما ھۆججىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭلاشقا، سىستېمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى مىكروسوفت ئورگان تورىدىن چۈشۈرسىڭىز، چۈشۈش سۈرئىتى بەك ئاستا، شۇڭا بۇ تور بېكەت ئارقىلىق چۈشۈرسىڭىز ۋاقتىڭىزنى تېجەپ قالالايسىز.
04.jpg
ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك، سىستېمىنى مەيلى قانداق قاچىلايلى، ئىشلىتىشتىن بۇرۇن سىستېمىنى ئاكتىپلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئاكتىپلىمىسىڭىز، بىر قىسىم ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىشنى چەكلەپ قويىدۇ ۋە توختىماستىن ئاكتىپلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئاكتىپلاش ئۈچۈن مىكروسوفت ئورگان تورى ياكى مىكروسوفت ھوقۇق بەرگەن تور بېكەتلەردىن ئاكتىپلاش كودى سېتىۋالسىڭىز، بۇ سېستىما ئوخشاشلا ئەسلى نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما سىز ئاكتىپلاش نومۇرىغا پۇل خەجلىمىگەن، ياكى توردىن ئاكتىپلاش قوراللىرىنى تۆۋەب باھادا سېتىۋالغان ئەھۋال ئاستىدا ئاكتىپلىسىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوغرى نۇسخىسىدۇر. بۇ ئاكتىپلاش قوراللىرى مىكروسوفتنىڭ ئاكتىپلاش مەشغۇلاتىدىن مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئوخشاشتۇر.
05.jpg
شۇڭا ئەگەر سىز ئەسلى سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرسىڭىز، ئەسلى نۇسخىسى بىلەن ئوغرى نۇسخىسىنىڭ پەرقى قانۇنلۇق ئاكتىپلاشنىڭ ئېلىپ بېرىلغان-بېرىلمىغانلىقىدا بولىدۇ. قانۇنلۇق قوزغىتىلسا ئەسلى نۇسخىسى، قانۇنسىز قوزغىتىلسا ئوغرى نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنداقتا بىز ئۇچرايدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئەگەر چۈشۈرۈلگەن سىستېما ھۆججىتى ئەسلى نۇسخىسى بولمىسا، قانۇنلۇق ئاكتىپلاش ۋە قانۇنسىز ئاكتىپلاشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
ئەگەر چۈشۈرلگەن سىستېما ھۆججىتى ئەسلى نۇسخىسى بولمىغان سىستېما بولمىسا قانۇنلۇق ئاكتىپلانغان بولسا. ئىشلىتىش ھوقۇقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇنى ئەسلى نۇسخىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇنداى سىستېمىلارغا بەزىبىر دېتاللارنى قوشىۋېتىدۇ، سىستېما قاچىلىغاندا ئاپتوماتىك قاچىلىپ كېتىدۇ.
06.jpg
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئوغرى نۇسخىسى بىلەن رەسمى نۇسخىسىدىكى سىستېمىنىڭ ئىشلىتىش جەھەتتە ئاساسەن پەرق يوق، پەقەت ئاكتىپلاش يولى ئوخشىمايدۇ خالاس. ئەگەر پەقەت ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز ئوغرى نەشرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز (ئورگان نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز قىممەت).
ئۇنداقتا، سىستېمىنىڭ ئائىلە نۇسخىسى (家庭版)، كارخانا نۇسخىسى (企业版)، كەسپىي نۇسخىسى (专业版)، بايراقدار نۇسخىسى (旗舰版) دېگەنلەرنىڭ قانداق پەرقى بار؟ قايسىسىنى قاچىلىساق ياخشى؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىشتە، ئالدى بىلەن بىز قانداق كومپيۇتېرغا (ئائىلە كومپيۇتېرىمۇ ياكى ئىشخانا كومپيۇتېرىمۇ دېگەندەك)، سىستېما قاچىلايمىز دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىمىز كېرەك.
ئەگەر ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر بولسا ئائىلە نەشرىنى قاچىلىساقلا بولىدۇ، ئائىلە نەشرىدىكى سىستېما ئىخچام ھەم يېنىك چىقىدۇ، تۆۋەن ئوتتۇرا ھال سەپلىمىدىكى كومپيۇتېرغا ماس كېلىدۇ. ئەگەر ئىشخانا كومپيۇتېرى بولسا بايراقدار نەشرىنى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز، سەپلىمىسى تۆۋەن بولسا ئوخشاشلا ئائىلە نۇسخىسىنى قاچىلاڭ، بايراقدار نەشرىدىكى سىستېما بولسا ئوتتۇرا ياكى يۇقىرى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرلارغا ماس كېلىدۇ، ئىقتىدارلىرىمۇ بىر قەدەر كۆپ (سىستېما باشقۇرۇش ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە). ئەگەر سىز كومپيۇتېرغا قىزىقسىڭىز ھەمدە كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىڭىزگە خاس تەڭشەپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز كەسپى نەشرىنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، بۇ نەشرىدە ئوخشاش بىر مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى بارلىق ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى بار. كارخانا نۇسخىسىنى ئادەتتە بىز ئويلىشىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مۇنتىزىم شىركەت ۋە ئورگانلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. بانكىنىڭ كومپيۇتېرلىرى ياكى ئىدارە-ئورگانلاردىكى بەزى ئورۇنلاردا مۇشۇ سستېمىنى ئىشلىتىدۇ، مەيلى قانداق دېتالنى قوزغىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر ئارقا تەگلىكتە شۇ ئورگاننىڭ نامى ياكى باشقا ئۇچۇرلار تامغا بېسىقلىق ھالەتتە چىقىدۇ، قانداقلا مەشغۇلات قىلسىڭىز ئاساسەن تامغىسى بىللە چىقىدۇ.
07.jpg
ئاخىرىدا سىستېما قاچىلىغاندا ئاۋال يۇقىرىدىكى تور بېكەتتىن سىستېما بولىقىنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يەشكەندىن كېيىن «setup.exe» (سېستىما قاچىلاش) دېگەن ھۆججەتنى چېكىپ ئىجرا قىلىپ ئاندىن قاچىلىسىڭىز بولىدۇ، «قايتا قاچىلاش» (重新安装) دېگەننى تاللاپ تۇرۇپ قاچىلىسىڭىز، ھېچقانداق ئەخلەت دېتاللار قاچىلىنىپ قالمايدۇ.
08.jpg
ئەگەر كومپيۇتېرىڭىز قوزغالمىسا بىر تال سىغىمى 4Gدىن يۇقىرى بارماق دېسكىنى تەييارلىۋالىسىز، ئاندىن توردىن بارماق دېسكا قوزغاتقۇچ دېتالى چۈشۈرۈپ، بارماق دېسكىنى سىستېما قوزغاتقۇچقا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ئۈستىدىكى مەشغۇلات بويىچە پىرىستىن يېشىپ setup.exeنى چېكىپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. PE ئۈستەل يۈزىدىكى بىۋاستە بىر كۇنۇپكىدا سىستېما قاچىلاش (一键安装系统)نى ئىشلىتىپ سىستېما قاچىلىسىڭىز مۇشۇ بارماق دېسكا قوزغاتقۇچ ياساش دېتالى قوشۇپ قويغان ئەخلەت دېتاللار كومپيۇتېرىڭىزغا قاچىلىنىپ قالىدۇ (ئۇلار مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كىرىم يارىتىدۇ). شۇڭا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىز سىستېما قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن بىر پاتمان ئەخلەت دېتاللارنىڭ قاچىلىنىپ قېلىشى مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىز چۈشۈرگەن سىستېما ھۆججىتى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ بولۇپ قالسىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۆپ ئۇچرىشى مۇمكىن.
回复

使用道具 举报

您需要登录后才可以回帖 登录 | تىزىملىتىڭ

本版积分规则

ھەمكارلىق كومپىيوتېر تەربىيلەش مۇلازىمىتىمىز
ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۈستەل كومپىيوتېرى يىللىق ئىلان لاھىيلەش
شەھەر دەرىجىلىك خاتېرە كومپىيوتېر پەسىللىك توربەت يىزىش
ناھىيە دەرىجىلىك سەپلىمىلەر بىرگە - بىر ئەپ يىزىش
يىزا دەرىجىلىك قوراشتۇرۇش توردىن ئۈگىنىش تور نامى -بوشلۇق
深圳塔萨吾尔电子科技有限公司