• تېلفۇن نۇسقىسى

    تېلىفۇندا كۆرۈڭ

  • سالون

    سالوننى قوشۇڭ

ياخشىمۇ سىز؟
تىز كىرىش
  • بۇ يەرنى بىسىڭ

    خىزمەت ۋاقتى :8:00-20:00

    تېلفۇن

    0991-8521481

    ئىلخەت

    1772205928@qq.com
  • سولونىمىزنى قوشۇڭ

    تىلفۇندا زىيارەت قىلىڭ

  • سېكانىرلاڭ

    سالونىمىزغا ئەگىشىڭ

Lv.9 بېكەت مەسئۇلى
1136نۇمۇرلۇق تورداش,393ئاكتىپلىقى,2020/06/22 ئۈگۈنۈش
  • 37يوللاش
  • 37تېما
  • 0ئەگىشىش
  • 2دوسلىرىم
ۋاقتىنچە ئۇچۇر قالدۇرمىغان
مۇنەۋۋەر خادىملارتېخىمۇ كۆپ
دەرسخانا مۇنبىرىتېخىمۇ كۆپ
开启左侧

[يېڭى تېمىلار] يانفون -5G- تۇرسىمۇ -نېمىشقا- يەنىلا- 4G- يۈرۈشلۈك -مۇلازىمىتى- ئىشلىتىمىز؟

[复制链接]
Ali 发表于 2021-5-4 17:37:58 | 显示全部楼层 |阅读模式 打印 上一主题 下一主题
يانفون- 5G-تۇرسىمۇ -نېمىشقا- يەنىلا -4G-يۈرۈشلۈك -مۇلازىمىتى- ئىشلىتىمىز؟
手机是5G,为什么还是用4G套餐呢
ئۈندىدارسالونى خەۋىرى:
ئالدىبىلەن كۆپچىلىكتىن بىر سوئال سوراپ باقايلى: ئەقلىيفون كۆپلەپ يېڭىلىنىپتۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، سىزنىڭ يېڭى يانفون ئالماشتۇرۇشىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمە؟
A.سەپلىمىسى بەك تۆۋەن، سىستېما يېڭىلانغاندىن كېيىن قېتىۋېلىشمەسىلىسى ئېغىر.
B.ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇزۇلۇپ كەتتى ياكى ئوغرىلاندى، يېڭىسىغائالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدىڭىز.
C. پۇل كەم ئەمەس، شۇڭا يېڭىسىنى ئىشلەتكۈڭىز كەلدى.
D.مەلۇم يانفوننىڭ مەلۇم ئىقتىدارىنى ياقتۇرۇپ قالدىڭىز، شۇڭا بۇئىقتدار بار يانفون سىزدىمۇ بولۇش كېرەك.
E. دوستىڭىز سوۋغا قىلغان، بىكارغا كەلگەندىكىن كۆڭۈلنى ياندۇرۇپيۈرمىدىڭىز.
F. ئەمدى 5G بار بولدى، سىناپ باققۇڭىز كەلدى.
بۇ يىلكىرگەندىن بۇيان، يېڭى يانفون ئالماشتۇرغانلار ئاز بولمىدى، دۆلەت ئىچىدىكى يانفونبازىرىنىڭ ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارى بىلەن 5G يانفونىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى.
ئەمدىيەنە بىر مەسىلىنى كۆپچىلىكتىن سوراپ باقايلى، يېڭى نۇسخىدىكى 5G يانفوننى سېتىۋالغان دوستلار قانچىلىك؟كومپيۇتېرنى ئاچقاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىش ئاۋۋال 5G ئېقىم مىقدارىنى ئېتىۋېتىشمۇ؟
1.jpg



5G يانفون ئەرزانلىدى، ئەمما 5G مۇلازىمەت ھەققى يەنىلا قىممەت.
جۇڭگوئۇچۇر ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى1-ئايدىن 2-ئايغىچە، دۆلەت ئىچىدىكى يانفون بازىرىنىڭ ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارىجەمئىي 61 مىليون 879 مىڭ دانە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %127.5 ئاشقان؛بازارغا سېلىنغان يېڭى تىپتىكى يانفونلار جەمئىي 81 خىل بولۇپ، ئوخشاشمەزگىلدىكىدىن %58.8 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 5G يانفونىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 42 مىليون 349 مىڭ دانە، بازارغاسېلىنغان يېڭى يانفون تىپى 48 خىل بولۇپ، بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىمھالدا %68.4 ۋە %59.3تىنى ئىگىلىگەن.
خۇاۋېي،شياۋمى، OPPO ۋە vivoدىن ئىبارەت تۆت چوڭ زاۋۇت ۋەكىللىكىدىكىدۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماركىلار 2021-يىلى 1-پەسىلدە بىردەك بايراقدار دەرىجىلىكيېڭى يانفون ئېلان قىلغان.
مەلۇمئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىلىش باھاسىنى سۈرۈشتۈرگەندە، يېڭى نۇسخىدىكىيانفونلارنىڭ ئىچىدە باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغىنى خوڭمى K40 بولۇپ، سېتىلىش باھاسى 2399 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، باھاسى ئەڭيۇقىرى بولغىنى خۇاۋېي Mate X2 بولۇپ، سېتىلىش باھاسى20888 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، باشقا بىر قانچە تىپتىكى يانفونلارنىڭ ئاساسىيسەپلىمىلىك نيۇسخىسىنىڭ باھاسى 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئىكەن. بۇ باھالار 4G دەۋرىدىكىمىڭ يۈەنلىك يانفونلاردىن خېلىلا يۇقىرى.
2.jpg


سانائەتۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىلگىرى دۆلىتىمىزدىكى ئەقلىيفون بازىرىدا، 5G يانفونىنىڭسېتىلىش باھاسىنىڭ 2000 يۈەندىن ئاشىدىغانلىرىنىڭ تەخمىنەن %90نىئىگىلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. يەر شارى كۆچمە خەۋەرلىشىش سىستېمىسىجەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا يەر شارىدىكى 5G ئابۇنتلىرى1 مىليارد 800 مىليونغا يېتىپ، دۆلىتىمىز %45كە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن.دېمەك كەلگۈسىدە دۆلىتىمىز بازىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 5G بازىرىغا ئايلىنىدۇ.
ھالبۇكىھازىر 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى تېخى ئۇنداق«خەلقپەرۋەر» ئەمەس.
تۈرى كۆپ5G يانفونىغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىرئىستېمالچىلار تاللايدىغان 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىيوق دېيەرلىك، ھەق ئېلىشنىڭ تۆۋەن چېكىمۇ 100 يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ، 4G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىدىنخېلىلا يۇقىرى.
ئۈچ چوڭتىجارەت كارخانىسىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەققىنىمىسالغا ئالساق، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى (شەخسىي نۇسخىسى)نىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەرئايلىقى 128 يۈەندىن باشلىنىدۇ، 4G راۋان بەھرىلىنىدىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى بولسا ھەر ئايلىقى 39 يۈەندىن باشلىنىدۇ؛ جۇڭگوبىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 5G يۈرۈشلۈكمۇلازىمىتىنىڭ ئايلىق ھەققى 129 يۈەن، 4G مەملىكەتلىك ئېقىم مىقدارى شاھى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ھەر ئايلىقى 39 يۈەندىن باشلىنىدۇ؛ جۇڭگوتېلېگرافى 5G يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ھەر ئايلىقى 129 يۈەندىن، يۇلتۇز كارتىسىنىڭيۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ھەرئايلىقى 29يۈەندىن باشلىنىدۇ.
بۇنىڭدىنشۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 5G نىڭ خۇشاللىقىنى ھېسقىلىش ئۈچۈن، تەننەرخى يانفون ئالماشتۇرۇشتەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، ھەر ئايدا 100يۈەندىن باشلانغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەقمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلغا ئايلاندى.
5G تورىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ تولۇققاپلاش قۇرۇلۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ .
تونۇشتۇرۇلۇشىچەئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 5G تورىنى قۇرۇپ چىققانبولۇپ، 5Gئاساسىي پونكىتىدىن جەمئىي718 مىڭى قۇرۇلۇپ ئېچىلغان، بۇ تەخمىنەن دۇنيا بويىچە %70نى ئىگىلىگەن. SA مۇستەقىل تورى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىقۋىلايەت، شەھەرلەرنى قاپلىغان. 5G تەرەققىياتى قوللىنىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىغاقەدەم قويۇپ، ئاساسىي تېلېگراف، ئۈسكۈنە ياساش، تىك كەسىپ قاتارلىق كۆپسۇبيېكتلارنىڭ ھەمكارلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى تېز شەكىللەنگەن.
سانائەتۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شياۋ ياچىڭ ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ2021-يىلى 5G تور قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشىنىتەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسلىق شەھەرلەرنى 5G بىلەن قاپلاشنى تېزلىتىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنىئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن 600مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتىنى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىنقۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش دەۋرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 5G تورىنىڭ تولۇق قاپلىنىشى يەنىلا يولدا.
5G تورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن زور مىقداردىكىمەبلەغ تەننەرخىگە مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئالاقىدار ھېسابلاشتىن مەلۇمبولۇشىچە، كۆڭۈلدىكىدەك ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىگە يېتىش ئۈچۈن، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ سانى ئاز دېگەندىمۇ 4G نىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يەتكۈزۈلىشى كېرەكبولۇپ، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ تەننەرخى 4G ئاساسىي پونكىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن،ئېنېرگىيە سەرپىياتى 4G ئاساسىي پونكىتىنىڭئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، ئاساسىي پونكىت قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 5G غا سېلىنغان مەبلەغ تەخمىنەن 4G نىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن،مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگەيېتىپ، مەبلەغ سېلىش دەۋرىيلىكى سەككىز يىلدىن ئاشىدىكەن.
3.jpg


بۇنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى،ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 5G يانفونىنىئىشلەتكەندە، بەھرىمەن بولىدىغان تور بەزىدە 5G، بەزىدە 4G، ھەتتا بەزىدە 3G بولۇپ قالىدۇ. سەۋەبى بولسا 5G تورى كۆپىنچە يۇقىرى چاستوتىلىق بۆلەكنىقاپلايدىغان بولۇپ، قاپلاش ئارىلىقى 4Gدىنقىسقا، نۇرغۇن شەھەرلەرنى تولۇق قاپلاش مۇمكىن ئەمەس.

4.jpg


پۈتۈندۇنيادا يانفون زاپچاسلىرىنى تەمىنلەش ۋە ماسلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىھازىرۈىچە داۋاملىشىپ كەلدى، بۇ مەسىلە ساھە خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت،ئۇنىڭ ئۈستىگە دەماللىققا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
يەنە بىرتەرەپتىن، قوللىنىش جەھەتتە، 5Gنىڭئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ تەخمىنەن %80تى كارخانىغا يۈزلەنگەن.
سانائەتئالاقە تورى تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، بەلگىلىك رايون تەسىركۈچىگە ئىگە 100دىن ئارتۇق سانائەت ئالاقە تورى سۇپىسىنى يېتىشتۈرۈپ ۋەشەكىللەندۈرۈپ، سانائەت ئۈسكۈنىلىرىدىن 40 مىليون يۈرۈشنى تۇتاشتۇرۇپ، خامماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىق 30 نەچچە نۇقتىلىقكەسىپكە ئىشلەتتى.
5G تورىنىڭ قىممىتى يەنە نەرسە تورى ۋە بۇلۇتمۇلازىمىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، قىزىل-يېشىل چىراغ ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشئەھۋالىغا ئاساسەن تېز سۈرئەتتە ماسلىشىدۇ، خېرىدارلار بۇنى بىۋاسىتە ھېسقىلالمايدۇ. 5G ھەقىقىي ئابۇنتلىرىنىڭ سانىمۇ تېخى تولۇقكۆلەملەشمىدى، نۇرغۇن ئەمەلىي ئېھتىياجلار تېخى قېزىلمىدى.
5G يانفونىنى سېتىۋالدىڭىز، 5Gنىڭ بەلگىسىمۇ بار بولدى. لېكىن بۇ «5G» ئۆز رولىنى تېخى تولۇق جارىيقىلدۇرالمايدۇ. ئابونتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار گەرچە ئاللىقاچان 5G مۇھىتىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 5Gنىڭ سۈرئەت ئۆزگىرىشىنى تولۇق ھېس قىلالمايدۇ.

5.jpg



قىيىن نۇقتادەل پۇرسەت، توسۇش نۇقتىسى دەل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئۆتكەن ئىشلارنىئەسلەيدىغان بولساق، 3G ئەمدىلا ئوتتۇرىغاچىققان چاغدا ئېقىم مىقدارى خىراجىتىنى تۆلەيدىغانلاردىن بىرنەچچىسىمۇ يوق ئىدى، 4Gمۇ شۇنداق. يەنە بىر تەرەپتىن، كەسىپ ۋەكارخانا ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەنە كۆپرەك ئىرادە باغلاشقا توغرا كېلىدۇ. سىجىلتەننەرخ سېلىنمىسى توسالغۇ ئەمەس، قوللىنىشنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ باھانە ئەمەس.
ئېلېكتىرونلۇقچىقىم قىلىش، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال ئېلىپكېلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئويلاپبېقىڭ. مەيلى قانداق كەسىپ قانداق ساھە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەرەققىي قىلىش ۋەئومۇملاشتۇرۇشقا مەلۇم دەرىجىدە ۋاقىت كېتىدۇ، ئېھتىياج بازارنى بەلگىلەيدۇ.ئەلۋەتتە 5G تورى قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملانغاندا خۇددىھازىرقى 4G تورىنى بىمالال ئىشلەتكىنىمىزدەك، 5G تورىنىمۇ خاتىرجەم ھالدا ھەر قانداق ئورۇندائىشلىتەلەيمىز. پەقەت ئارزاق ۋاقىت ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.


回复

使用道具 举报

您需要登录后才可以回帖 登录 | تىزىملىتىڭ

本版积分规则

ھەمكارلىق كومپىيوتېر تەربىيلەش مۇلازىمىتىمىز
ۋىلايەت دەرىجىلىك ئۈستەل كومپىيوتېرى يىللىق ئىلان لاھىيلەش
شەھەر دەرىجىلىك خاتېرە كومپىيوتېر پەسىللىك توربەت يىزىش
ناھىيە دەرىجىلىك سەپلىمىلەر بىرگە - بىر ئەپ يىزىش
يىزا دەرىجىلىك قوراشتۇرۇش توردىن ئۈگىنىش تور نامى -بوشلۇق
深圳塔萨吾尔电子科技有限公司