كومپىيوتېر ئاساسىي بىلىملىرى قايسى تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
كومپىيوتېر ئاساسىي بىلىملىرى Word ، Excel ، PowerPoint قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Word دېگەن نىمە؟ Word نىمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
Word دىگىنىمىز بولسا مىكروسوفىت شىركىتى ئاچقان بىر يېزىق بىر تەرەپ قىلغۇچ بولۇپ ، Word ئەڭ دەسلەپتە 1983-يىلىRichard Brodie تەرپىدىن DOS نىڭ IBM نى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن يىزىلغان بولۇپ ، 1984-يىلى كىيىنكى نۇسخىسى Apple Macintosh ، 1989-يىلىX SCO UNIبىلەن Mcrosoft Windows ئىجرا قىلىنغان ، ھەمدە Microsoft Office نىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى.
Word يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق يىزىق ، گىرافىك ، سۈرەت، ئاۋازنى تەھرىرلىگى ، يەنە باشقا يۇمشاق دېتاللارنى قىستۇرۇپ ياسىغىلى بولىدۇ، يەنە Word يۇمشاق دېتالى تەمىنلىگەن چېرتىيوژ سىزىش قورالى ئارقىلىق شەكىل ياساش، ھەر خىل خەت شەكلىنى تەھرىرلەش، ماتىماتىكىلىق فورمۇلالارنى تەھرىرلەش ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ ھەر خىل تەلەپلىرىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ .
Word يۇمشاق دېتالى يەنە ھەر خىل ئاپتوماتىك جەدىۋەل تۈزەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، قول بىلەن جەدىۋەل تۈزگىلى بولىدۇ، يەنە جەدىۋەلدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاپتوماتىك ھېسابلىغىلى ، زىننەتلىگىلى بولىدۇ.
Excel دېگەن نىمە؟ Excel نىمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟
Excel دېگىنىمىز بولسا مىكروسوفىت شىركىتى ئاچقان بىر خىل ئېلېكترونلۇق جەدىۋەل تۈزەش پىروگىراممىسى بولۇپ، Excel يۇمشاق دېتالى ھەرخىل سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ ،سىتاستىكىلىق ئانالىز ۋە قوشۇمچە تەدبىر بەلگىلەش مەشغۇلاتى، كەڭ كۆلەملىك ھەر ساھەدىكى سىتاستىكا، پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە قوللىنىدۇ.
Excel ئېلېكتىرونلۇق جەدىۋەل تۈزەش پىروگىراممىسى 22 يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، بىر كىچىك يۇمشاق دېتالدىن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش دېتالىغا ئايلاندى.
1985-يىلى بىرىنجى تارماق Excel دۇنياغا كەلگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ پەقەت Mac ئىشلىتىلەتتى. 1987- يىلى بىرىنجى تارماق Windows سېستىمىسىغا ماس كىلىدىغان Excel مەيدانغا كەلدى، شۇنىڭدىن ئىتىبارەن Microsoft شىركىتى تەخمىنەن ھەر ئىككى يىلدا يېڭى نۇسخا چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كېڭەيىتمەكتە.
PowerPoint دېگەن نىمە؟ نىمىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ؟
PowerPoint دېگىنىمىز بولسا مىكروسوفىت شىركىتى ئوتتۇرىغا قويغان ماقالە كۆرسىتىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، PowerPoint يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئورگىنالىنى بەرپا قىلىپلا قالماي يەنە ئىنتېرنىت تورىدا يۈز تۇرانە يىغىنلاردا ياكى يىراق مۇساپىلىق يىغىنلاردا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ماقالە كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ.
Microsoft PowerPoint Office دا ياسالغان نەرسىلەر ئۈلگە كۆرسىتىش ئورگىنالى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە قىسقارتىلىپ ppt ، pptx دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
بىر مۇكەممەل بولغان PowerPoint يۇمشاق دېتالى فىلىم بېشى، كارتون، مۇقاۋا كىرىش سۆزى، مۇندەرىجە، ئۆتكۈنچى بەت، سۈرەت بىتى، يېزىق بىتى، فىلىم ئاخىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان ماتىرياللار: يېزىق ، رەسىم ، كارتون، ئاۋاز ، فىلىم قاتارلىقلار...
ppt ئىشلەتكۈچىلەر پرويىكتور ياكى كوپيۇتېردا ئورگىنالنى كۆرسىتىش، بېسىپ چىقىرىش، پليونكا ياساش قاتارلىق تىخىمۇ كەڭ ساھەدە قوللىنىلىدۇ.
سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار:
Word 2016 Excel 2016 Powerpoint 2016
كومپىيوتىرنى نۆل سەۋيىدىن باشلاپ ئۈگىنىدىغانلار ، دۆلەت خادىملىرى ، شىركەت - كارخانا خادىملىرى ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ، دۆلەتلىك كومپىيوتىر 1- دەرىجە كىنىشكىسى ئالىدىغانلار
بۇ ئۈچ يۇمشاق دېتال شىنجاڭدىلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قوللىنىلىدىغان دۇنياۋىي يۇمشاق دېتال بولۇپ ، بۇ تۈرنى مۇكەممەل ئۈگەنسىڭىز شىنجاڭدىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى كەسپ ئىگىسىگە ئايلىنالايسىز.
ئۈنۈم كاپالىتى:
تەسەۋۇر شىركىتىمىز ئۈگەنگۈچىلەر بىلەن كاپالەت توختامى ئىمزالىنىدۇ ، سىزنىڭ مۇكەممەل كەسىپ ئۇستىسى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
|